ئەنگلىيە پارلامېنتى بېلەت تاشلاش ھەرىكىتى داۋامىدىكى خەۋپ خەتەر ئەسكەرتىشى

ATFX سىزگە شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى، 2019-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى (سەيشەنبە) ئەنگلىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قانۇن لايىھىسىگە بېلەت تاشلايدۇ. بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى مەھسۇلاتلار باھاسىدا بەلكىم چوڭ تەۋرىنىش كۆرۈلۈشى، نۇقتا پەرقى چوڭىيىشى، ئوبوروتچانلىق يېتىشمەسلىكى مۇمكىن، بولۇپمۇ فوندستېرلىڭ ۋە ياۋروغا مۇناسىۋەتلىك پۇل گۇرۇپپىلىرى ۋە ئاساسلىق ياۋروپا پاي كۆرسەتكۈچلىرىگە بولغان تەسىرى كۈچلۈكرەك بولۇشى مۇمكىن.

بىز ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىمىز، ھەم زۆرۈر تېپىلغاندا خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز مۇمكىن.  بۇ تەدبىرلەر كاپالەت سومما تەلىپىنىڭ ئېشىشى، مەھسۇلات نۇقتا پەرقىنىڭ چوڭىيىشى ۋە مەبلەغ ھەسسىلىكىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەم بۇ تەدبىرلەرنى ھەر قانداق ۋاقىتتا قوللىنىش ئېھتىماللىقى بار.

بىز سىزنىڭ ھەر ۋاقىت بازار ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى، مەبلىغىڭىزنى ئىلمىي باشقۇرۇپ، مال مىقدارىڭىزنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشىڭىزنى، ھېساباتىڭىزدا ھەر ۋاقىت يېتەرلىك كاپالەت سوممىسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىڭىزنى ھەم بۇ قېتىملىق خېيىم خەتەرنى تولۇق چۈشىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەگەر مەسىلە بولسا cs.gm@atfx.com ئېلخەت ياكى 4001200143 تېلىفوندا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ATFX مۇلازىمەت باش بۆلۈمى

2019年 3月 19日