当前位置: 首页 > Company News UG > باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
2019年 3月 13日
Full screen 5 1

بىر داڭلىق تاراتقۇ ئورگىنىنىڭ بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزنى ئېلان قىلىپ بىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سودا دۇنياسىدا قانداق قىلىپ توغرا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىمىزنى يېزىشى بىزنىڭ ۋەدىمىز ۋە جاپالىق خىزمىتىمىزگە بولغان ئېتىراپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock نىڭ « تايمىس گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى « سودا تاكتىكىسى قوشۇمچە سانى» دا خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يازغان بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان قالتىس بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.

ATFX ئۆزىنىڭ خېرىدارلارغا تەمىنلىگەن ئەلا مۇلازىمىتى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە خېرىدارلار ئارىسىدا ئۆز ئىناۋىتىنى تىكلىگەن. « تايمىس گېزىتى » دىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەتتە پايدىنى ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر يول خېرىدارنى مەركەز قىلىپ مۇلازىمەت قىلىشتۇر. ATFX نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پەلسەپىگە چوڭقۇر ئىشىنىمىز، بىز ئۆزگىچە مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇق. « تايمىس گېزىتى » نىڭ بۇ تىرىشچانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئېرىشىش بولدى.

«تايمىس گېزىتى» نىڭ «سودا تاكتىكىسى قوشۇمچە سانى» دا Richard Craddock ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن مۇنۇلار نەقىل ئېلىنغان: «بىز خېرىدارلارنى رازى قىلىش جەھەتتە بازاردا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ھەقىقىي بىلىم ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىدىغان، تەجرىبىسى مول كەسپىي خادىملار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.»باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ATFX خېرىدار مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم بىر يۆنىلىشى شۇكى، شىركەت مەبلەغ سالغۇچى خېرىدارلارغا ئانا تىلىدا پاراڭلىشالايدىغان خىزمەتچى ئارقىلىق ياكى خېرىدار ئۆزى ئازادە پاراڭلىشالايدىغان تىلدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بېرىدۇ، يەرلىكلەشكەن خېرىدار مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدۇ.»

ATFX پەن تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى زاماندىكى خېرىدارلارنىڭمۇ پەن تېخنىكىغا ناھايىتى پىششىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. مانا بۇ خېرىدارلارنى ئاشكارا ۋە ئىلغار سودا سېستىمىسى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ سەۋەبىدۇر. خېرىدارلارنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكا ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش لايىھىسى ۋە ئۆزگىچە قوللاشنى مۇكەممەل تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ بىزنىڭ بىر بىخەتەر ۋە ئاشكارا سودا سۇپىسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سەمىمىيلىككە تولغان خېرىدار مۇلازىمىتى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى. بۇ ئەڭ ياخشى تور سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش ۋە خېرىدارلار بىلەن ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

يۇقارقى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock تايمىس گېزىتىدىكىلەرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سېتىش خادىملىرى خېرىدارلار بىلەن ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقان خىزمەتچىلەردۇر. ئۇلار يۈز تۇرانە ياكى تېلىفون ئارقىلىق خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل تىجارەت ئۇسۇلى ئاللىقاچان يوقالدى، ئەمما مۇھىمى يەنىلا ھەر بىر خېرىدار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك، چۈنكى بۇ سەمىمىي سادىقلىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.»

ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئالدىنقى بىر قەدەمنى بېسىپ بولدى. بىز ۋاقىت چىقىرىپ خېرىدارلىرىمىزنىڭ سودا خاسلىقى ۋە شەخسىي قىزىقىشىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا بىز خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. بۇ شۇنداقلا بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مودىغا ماس كېلىدىغان MetaTrader سودا سېستىمىسىنى تاللىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ تور بەت نۇسخىسىلا ئەمەس يەنە كۆچمە ئۈسكۈنە نۇسخىسىمۇ بار.

بىز ATFX دىكى خېرىدارلارنىڭ ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلارغا ھەرۋاقىت ئېرىشەلىشىنى، ئۆز ئېھتىياجىغا ۋە قىزىقىشىغا ماس كېلىدىغان سودا قوراللىرىنى چۈشىنىشىنى، ھەمدە ئاقىلانە قارار چىقىرالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جەھەتتە «تايمىس گېزىتى» باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Craddock نىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل قىلدى: «مۇھىم نۇقتا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش، سىز بىراۋغا ئۆزى چۈشەنمەيدىغان مەھسۇلاتنى تەۋسىيە قىلماسلىقىڭىز كېرەك، مېنىڭچە بىز تېخىمۇ كۆپ تەربىيىلەش، مۇنازىرە، ئاشكارىلىق بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا كەسپىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. »

« تايمىس گېزىتى » نىڭ « سودا تاكتىكىسى قوشۇمچە سانى» غا بېسىلغان ماقالە بىز ئېھتىياجلىق بولغان ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى