当前位置: 首页 > Company News UG > توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
2019年 3月 13日

 

ATFX بولسا كەسپى ساھەدە تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان تاشقى پېرېۋوت سودا شىركەتلىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى كۈندە قەدەر پىشىپ يېتىلگەن ۋە مۇقىم توردا سودا قىلىش سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل شەرەپ بىلەن لوندون قابىللار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچى شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولدى. Finance Magnates باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن لوندون قابىللار يىغىنى تاشقى پېرىۋوت سودا ساھەسىدىكى يىللىق يىغىن، 2017-يىل لوندون قابىللار يىغىنىنىڭ 6-قېتىم چاقىرىلىشى بولۇپ، 11-ئاينىڭ 14-ۋە 15-كۈنلىرى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق پارچە مۇلازىمەت قىلغۇچى بانكا، پۇل مۇئامىلە پەن تېخنىكىسى ۋە ئورگان مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى قابىللار لوندونغا جەملەندى. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ATFX « كۆرگەزمە كىرىش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللىغۇچى شىركەت» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يىغىن سورۇنىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭىچە تۈس قوشتى.

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يىغىن سورۇنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا ATFX سودا سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى نامايەن قىلىندى– ئەلا سودا مۇھىتى، بىخەتەر، ئىشەنچلىك تاشقى پېرېۋوت سودىسى، شۇنىڭدەك بىر قاتار ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمىتى ۋە مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ خىل قولايلىق مەبلەغ چىقىرىش يوللىرى، 24 سائەت پۈتۈن كۈنلۈك خېرىدار مۇلازىمىتى، ھەرقانداق دەرىجىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تەربىيىلەش قوراللىرى، ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارغا كۆپ پايدىسى تېگىدىغان، كەسپ ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن سودا سۇپىسى، نىسبىتى 200:1 گە يېتىدىغان مەبلەغ ھەسسىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بارلىق سودا ھېسابات ئىگىلىرى يۇقىرى نىسبەتتىكى شېرىنكانە قايتۇرۇش ۋە ھەر قانداق دەرىجىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تەربىيىلەش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا سودا قىلغىلى بولىدىغان 100 نەچچە خىل مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل گۇرۇپپىسى 40 خىلدىن ئاشىدۇ.

ATFX يۇقىرى ئۆلچەملىك قوللىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن لوندون قابىللار يىغىنىدا ھەشەمەتلىك ھالدا مەيدانغا چىقتى. كارىدور تاملىرى، تىك ئۇچار شوتىسىدىكى لايىھەلەر، نۇتۇق سۆزلەش زالىغا ئېسىلغان لوزۇنكىلار، يىغىن كۆرگەزمە زالىدىكى قولاي جاھازىلار، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئۈستەل يۈزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن ATFX نىڭ ئىزىنى تاپقىلى بولىدۇ . يىغىلىش ئەنگلىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دە باشلاندى ، بارلىق ياردەم بەرگۈچى شىركەتلەر، ياردەمچى ئورگان ۋە ئالاھىدە مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تور ئېچىش، نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى پۇل مۇئامىلە قىزىق نۇقتىسى ۋە بازار يۆنىلىشى توغرىسىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق قابىللار يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

ATFX نىڭ باش مۇدىرى لى شياۋچياڭ ئەپەندى ئەنگلىيەگە بېرىپ، ئەنگلىيەدىكى باش شىركەتنىڭ باش لىدىرى Richard Craddock بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى كەسپداشلارغا ATFX نىڭ خېرىدارلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىلغار سودا سۇپىسى ۋە بىۋاسىتە ئۇلىنىدىغان STP سودا شەكلىنى تونۇشتۇردى.

ATFX نىڭ باش مۇدىرى لى شياۋچياڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «Finance Magnates ئۇيۇشتۇرغان لوندون قابىللار يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى كەسپىي ساھە يىغىنى بولۇپ، ھەر يىلى كەسپىي ساھەدىكى قابىللارنى جەم بولۇشقا جەلپ قىلىپ كەلدى. بۇ يىل ATFX بۇ كاتتا پائالىيەت ئۈچۈن كۆرگەزمە كىرىش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللىغۇچى شىركەت ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن ئۈستىگە ئالدى. بۇ قاتتىق ئۆلچەم بويىچە باشقۇرۇلىدىغان، كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە ساھە ئىچىدە ATFX تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، ھەمدە يېقىندا لوندون قابىللار يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىش شەرىپىگە نائىل بولدى. بۇ ATFX نىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم.»

Finance Magnates دۇنيادىكى تۇنجى تور ۋاسىتىسى، ئاخبارات، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە يىغىن بىرلەشكەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، مەخسۇس ئىقتىساد سودا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارادىكى سودا كەسپىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. 6-نۆۋەتلىك لوندون قابىللار يىغىنى 11-ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى لوندوندا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىلىسگېت بازىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋاستىچى سودا شىركەتلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى پېرېۋوت ۋاستىچىسى سودا شىركەتلىرى، پۇل مۇئامىلە تېخنىكا باشلامچى شىركەتلىرى، يۈزلەنمە فوند دېرىكتورلىرى ۋە ئورگان بانكىلىرى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىنى بىر يەرگە توپلىدى.

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى