当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX تايلاندتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەشىنچى ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇردى
2019年 3月 12日

باڭكوك-2018-يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلقئارادىكى ئىلغار تور سودا ۋاستىچى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ATFX تايلاند باڭكوك ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ATFX قىسقا مەزگىل ئىچىدە كەسپنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇپ، 2017-يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئاچقاندىن بۇيان فىلىپپىن، تەيۋەن ۋە مالايسىيا (جوھۇر باخرۇ ۋە كۇئالالومپۇر) دا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغانىدن كېيىن بۇ يىل 8-ئايدا تايلاندقا قاراپ كېڭەيدى.

ATFX پۈتۈن كۈچى بىلەن تايلاندتىكى خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى پۇل مۇئامىلە بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش ۋە مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قاراپ ماڭدى. ATFX تايلاند باڭكوكتا ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇشتا، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى ۋە سودا مەركىزى بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلاندى. بۇ شىركەتنىڭ خېرىدارلار نىشانىغا يېقىنلىشىشىغا تېخىمۇ قولايلىق.

تايلاند ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش دېرىكتورى Arthiphant Thongchandr نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تايلاند شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىقتىسادىي ئاساسىي مۇستەھكەم، سودا كەلگۈسى پارلاق، بۇ ۋاستىچى شىركەتلەرنى نۇرغۇن ئەۋزەلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ATFX نىڭ نىشانى تايلاندتىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كىرىشنى خالايدىغان خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. »

تايلاند ئىش بېجىرىش ئورنى ئىش باشلىغان كۈنى، ATFX يەنە «تاشقى پېرىۋوت بىلىملىرىنى ئورتاقلىشىش يىغىنى» ئاچتى، شۇنداقلا مېھمانلارغا كەچلىك زىياپەت ئورۇنلاشتۇردى، 150 دىن ئارتۇق خېرىدار ۋە ۋاكالەتچىلەر قاتناشتى. يىغىندا سۆزلىگۈچى ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا تايلاند تاشقى پېرىۋوت كەسپىدىكى چوڭ ۋاكالەتچى Joe Patipat مۇ بار بولۇپ، ئۇ تاشقى پېرىۋوت ۋە پاي بازىرىدا 20 نەچچە يىللىق مول تەجرىبىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش بازار ئانالىزچىسى Martin Lam مۇ بار. تايلاند ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش دېرىكتورى Arthiphant Thongchandr، ATFX شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا باش لىدىرى Jeff Hsu، ATFX باش تىجارەت دېرىكتورى Jeffrey Siu ۋە باشقا نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

ھەر قانداق سودىنىڭ خەتىرى بار، زىيىنىڭىز بەلكىم دەسلەپكى ئومۇمىي مەبلىغىڭىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

قانۇنىي بايانات:

ATFX بولسا AT Global Markets نىڭ (ATGM, 224226 IBC 2017) سودا ساھەسىدىكى ئاتىلىشى. ATGM بولسا ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېستا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان خەلقئارالىق سودا كارخانىسى. رويخەتكە ئالدۇرغان ئادرېسى: ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس كىنگستون شەھىرى ستون مەيدانى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزى.

Full screen 5 1

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى