当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX توردىكى شەخسىي بايلىق مۇكاپاتى-ئەڭ ئىلغار NDD تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2019年 3月 12日
Full screen 5 1

ATFX توردىكى شەخسىي بايلىق مۇكاپاتى-ئەڭ ئىلغار NDD تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئىلغار ماركىنىڭ ۋەدىسىنىنىڭ يەنە بىر قېتىم كەسپىي ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىم ATFX ئېرىشكەن «ئەڭ ئىلغار سودا قىلغۇچىسىز تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى» مۇكاپاتى 2017-يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن كېيىنكى شەرەپ ھېسابلىنىدۇ. ATFX خېرىدارلارغا بەرگەن مۇلازىمەت ۋەدىسى ئاساسىدا ھەپتىدە بەش كۈن، كۈندە 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ. خېرىدارلارنى بازار تەتقىقات دوكلاتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ، خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خېرىدارلار مەبلىغىنى ئايرىپ باشقۇرۇپ، خېرىدارلارنى بانكا دەرىجىلىك مەبلەغ بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى MT4 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارنى كۆپ مەنبەلىك سودا قوراللىرى ۋە ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مۇكاپات ATFX ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، چۈنكى بۇ چوڭ مۇكاپاتقا پۈتۈن دۇنيادىكى يەككە ئابونتلارنى پۇرسەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، شىركەت ئىككى ئاي ئىچىدىلا ئوخشىمىغان ئىككى خىل مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ شىركىتىمىزنىڭ خېرىدارلارغا بەرگەن مۇلازىمەت ۋەدىمىزنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى ۋە شىركىتىمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ خەلقئارا مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.»

بۇ قېتىمقى مۇكاپات شەك شۈبھىسىز ATFX نىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئاشكارا مۇلازىمەت قىلىش، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىش ،خېرىدارلارنى ئاددىي قولايلىق ۋە بىخەتەر بولغان، خەلقئارا دەرىجىلىك سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلغارلىقنى قوغلىشىش روھىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ .

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى