当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX تەيبېيدە ۋاستىچى شىركەتلەر (IB) تەربىيىلەش لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى
2019年 3月 12日

 

نۆۋەتتە تاشقى پېرېۋوت ۋاستىچى شىركەتلىرى خەلقئارا تاشقى پېرىۋوت كارخانىلىرى ئۈچۈن كەسپنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە. IB ۋاكالەتچىلەر تاشقى پېرىۋوت كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر IB ۋاكالەتچىلەرگە ئىگە بولغىنى تەيۋەن، تەيۋەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، تاشقى پېرېۋوت سودىسىدىكى بىر 2B2 قولتۇققا ئايلىنىپ، ياخشى سودا مۇھىتىغا ئىگە بولدى.

ATFX تەيۋەندە كۆپ قېتىم خېرىدارلارغا قارىتا لېكسىيە ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 7-ئىيۇل تەيۋەندە تۇنجى قېتىم IB ۋاكالەتچىلىرىگە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ATFX كوللىكتىپ ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولغان پۇل مۇئامىلە كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ پۇختا تەييارلىق كۆردى. شۇ كۈنى 50 كە يېقىن IB ۋاكالەتچىسى تەيبېي شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ۋەن خاۋ مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. بەش سائەت داۋاملاشقان لېكسىيەدە IB ۋاكالەتچىلىرىنىڭ تور ۋە ئەپ ئارقىلىق سودىغا ئەگىشىش سېستىمىسىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ، مەزمۇنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتتە، لېكتور ۋە تاشقى پېرېۋوت مۇتەخەسسىسلىرى ATFX نىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى، مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي قوشۇنىنى تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپچىلىككە ATFX نىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توردا تاشقى پېرىۋوت سودىسى قىلىدىغان سودا سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق تۈزسە قانداق ئەۋزەللىكلەر بارلىقى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش قىلدى. بۇ قېتىمقى لېكسىيىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى نەپەر لىكتور سۆزلىدى. بىرى تەيبېي ئىش بېجىرىش باشقارمىسى باش بازار نازارەتچىسى Ethan Liu، ئۇ تاشقى پېرېۋوت سودىسىدىكى ئاساسى بىلىم توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى ھەمدە بازارغا قارىتا تېخنىكىلىق ئانالىز ئېلىپ باردى. ئۇ ئىلگىرى تەيۋەندە 100 چوڭ داڭلىق ئاكسىيە سودىسى كەسپىدە سېتىش باش نازارەتچىسى بولغان، تاشقى پېرېۋوت سودىسى كەسپىدە ئون نەچچە يىللىق كەسپ تەجرىبىسىگە ئىگە.

يەنە بىرى ATFX ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان تاشقى پېرىۋوت بىلىملىرى لېكتورى چېڭ مو. ئۇ 917trade.com نىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاشقى پېرىۋوت سودا ساھەسىدە ئون يىلدىن ئارتۇق ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە. ئۇ ئاچقان تور بېكەت ئاساسلىقى كۈندىلىك بازار ئۇچۇرى، ئانالىز، دەرسلىك ۋە YouTube مەخسۇس تېما سىن ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تور بېكەت IB ۋاكالەتچىلەرنىڭ بازار ئۇچۇرىنى ئۈنۈملۈك ئىگىلىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ۋە ھەمبەھرلەش ئارقىلىق تاشقى پېرىۋوت سودىسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان خېرىدارلار ۋە IB ۋاكالەتچىلەرنىڭ بىلىم ئۆگىنىپ تەجرىبە ئىگىلەپ، تاشقى پېرىۋوت سودا ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. لېكسىيە مەزگىلىدە ئۇ IB ۋاكالەتچىلىرى بىلەن 917Trade نىڭ قىممىتى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى. ئۇ يەنە ATFX نىڭ ئومۇميۈزلۈك بازار ئانالىزىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

كېيىن، يېڭى IB ۋاكالەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تاشقى پېرىۋوت سودىسى كەسپى ۋە خېرىدارلار مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش ئۇسۇللىرىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىلدى. سوئال-جاۋاب شەكلىدىكى مۇنازىرە جەريانىدا IB ۋاكالەتچىلەر ئۇلار دائىم دۇچ كېلىدىغان كەسپىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا ۋاستىچى شىركەت بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل ستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىنى قېزىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشتى. مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ATFX يەنە IB ۋاكالەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سوۋغىتى سۈپىتىدە ۋاكالەتچىلەرگە كەچلىك زىياپەت تەييارلىدى.

بىر نەپەر IB ۋاكالەتچى مۇنداق دېدى: « IB ۋاكالەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر قېتىملىق بىر بېكەتلىك لېكسىيە، ماختاشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ATFX بىزنى ئەڭ يېڭى تاشقى پېرىۋوت ئۇچۇرلىرى، كەسپىي بازار تەھلىلى، قىزغىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا IB ۋاكالەتچىلەرنى ATFX بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىش، كەسپىنى قانداق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا توغرا يېتەكلىدى، ئەمەلىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى.

بۇ قېتىمقى لېكسىيە تەيۋەن رايونىدىكى IB ۋاكالەتچىلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان بىر بېكەت شەكلىدىكى لېكسىيە بولۇپ، IB ۋاكالەتچىلەرنىڭ «ATFX بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىش»، «IB ۋاكالەتچىلەر كەسپىنى قانداق قانات يايدۇرۇش» توغرىسىدا توغرا يېتەكلەش ۋە كەسپىي تەھلىل قىلىشقا ئېرىشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە ATFX نىڭ ئەڭ يېڭى بازار ئۇچۇرى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان ئۈنۈملۈك سودا قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ATFX نىڭ ھەر خىل تىپتىكى پۇل مۇئامىلە لېكسىيىلىرىنىڭ ھەممىسىدە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەر تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، قاتناشقۇچىلار بىلەن كەسپىي بازار كۆز قارىشى ۋە تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىدۇ. خېرىدارلارنىڭ ئىدىيە ۋە مۇنازىرىسىنى قوزغىتىپ، خېرىدارلارنىڭ بۇ ئىديىىسىنى ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ.

Full screen 5 1

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى