当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX تەيجۇڭدا خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىگە قاتناشتى
2019年 3月 12日

ATFX شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىدا تەشۋىقات ۋە مەبلىغ سېلىش توغرىسىدا تەربىيىلەش ئېلىپ باردى. 22-ئاپرېل خۇيجوڭ خەۋىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرى ۋە كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. بۇ پائالىيەت تەيجۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ATFX بۇ پائالىيەتنىڭ ئاق ئالتۇن دەرىجىلىك قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

2017-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرى ئاسىيادا نامى بار B2B پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىسى بولۇپ، تەيجۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە، تەيۋەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىىدن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق كەسپىي خادىم قاتناشتى. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن كۆرگەزمە ۋە مۇنبەر ئارقىلىق رايون ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە قابىللىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش جەۋھەرلىرىنى توپلاپ، نۆۋەتتىكى ئاسىيا رايونىدىكى پۇل مۇئامىلە سودا تەرەققىياتىنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ بارا بارا كەسپىي ساھەدە مۇھىم رول ئوينىشىنى مەقسەت قىلدى.

ATFX بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بۇ تەشۋىقات سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، بازارنىڭ ATFX ماركىسى ۋە ATFX تەمىنلىگەن ئىلغار مۇلازىمەتلەرگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى، شۇنداقلا، شىركەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندىكى قاتناشقۇچىلار بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تاشقى پېرىۋوت بازىرى بىلىملىرى ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ATFX تەيۋەن رايونى تاشقى پېرىۋوت مەخسۇس لېكتورى ۋە پروگرامما ئېنژىنېرى چېڭ مو مۇئەللىم بۇ يىغىندا ئاساسىي تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگۈچى ئەزىز مېھمان بولۇش سالاھىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. چېڭ مۇئەللىم يىىغن قاتناشچىلىرىغا بازارغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىم ۋە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇردى، شۇنداقلا ھەر خىل سودا قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، خەتەرنى كونترول قىلىش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

يېقىندىن بۇيان ATFX تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېقىنقى زىيارەت سۆھبىتىدە ATFX شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنىڭ باش نازارەتچىسى شۈ رۇييۈ ئەپەندى شىركەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدا توختالدى. ATFX نىڭ تەيۋەندىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ATFX بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا سوئالغان سوئالغا شۈ رۇييۈ ئەپەندى ناھايىتى ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن ئېنىق قىلىپ: «تەيۋەن رايونى بازىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، بىخەتەر ۋە مۇقىم سودا مۇھىتى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېتىبارلىق تۈرلىرىمىز بار، بىز بۇ ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

2018-يىلنىڭ قالغان قىسمىدىكى پائالىيەتلەر جەھەتتە، ATFX بىر تەرەپتىن ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قەرەللىك ھالدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇلار تەيۋەن، فىلىپپىن، تايلاند قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ATFX كەلگۈسى ئىككى ئايدا تېخىمۇ كۆپ تەربىيىلەش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرىدۇ.

قانۇنىي بايانات: ATFX بولسا AT Global Markets ئىشلەتكەن ماركا (ATGM، تىزىملىتىش نومۇرى IBC 2017) ، ATGM بولسا Saint Vincent ۋە Grenadines قا جايلاشقان خەلقئارا سودا شىركىتى. تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئادرېسى:
The Financial Services Centre, Stoney Ground, Kingstown, St. Vincent & the Grenadines.

Read More

خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار