当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
2019年 3月 12日
Full screen 5 1

تەيۋەنلىك خېرىدارلارغا سودا بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، مۇلازىمەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ سودا پۇرسىتىنى تۇتۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، ATFX تەيۋەن ئىش بېجىرىش باشقارمىسى يىللىق بىر قاتار مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنجى مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى 2018-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تەيۋەن تەينەن شەھىرى ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچى IBs ۋە ئاز سوممىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. ATFX دىكى مۇتەخەسىسلەر كۆپ خىل مەبلەغ سېلىش قوراللىرىنى چۈشەندۈردى.

مۇھاكىمە يىغىنى باشلانغاندا، سۆزلىگۈچى ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە كەسىپ ئەندىزىسى تونۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا زامانىۋى كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاز سوممىلىق سودا قىلغۇچىلارنى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك تور سودا مۇھىتىدىن بەھرىمان قىلىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقان خادىملارغا سودا قوراللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا سودا نىشانىنى قانداق تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ، ھەمدە ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ATFX كەسپىي ساھەدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كەسپىي، تور سودا ۋاستىچى شىركىتى دەپ قارىلىدۇ. يىغىندا يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن تاشقى پېرىۋوت بازىرى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئورتاقلاشتى. ھەم خەتەرلەر كۆرسىتىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىن ئارقىلىق يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن قىممەتلىك بازار ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا ئورتاقلىشىلدى. ھەر خىل سەۋىيىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىگە ماس ھالدا بەلگىلىك دەرىجىدە بىلىمگە ئىگە بولدى.

ATFX كۆپ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، يىغىنغا قاتناشقان ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن سودا ئىدىيىسىنى ئورتاقلاشتى. نۇتۇق سۆزلىگەن ئەزىز مېھمانلار ATFX نىڭ بازارنى قانداق تەھلىل قىلىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا تەيۋەندىكى خىزمەتداشلار قوشۇنى يېڭى ھەمكارلاشقۇچىلارغا سودا ئەندىزىسى ۋە بازار تەرەققىيات پىلانىنى تونۇشتۇردى.

ATFX خېرىدارلارنى بازاردىكى ئەڭ مۇقىم سودا سۇپىلىرىنىڭ بىرى MT4 بىلەن تەمىنلەيدۇ. MT4 سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سۈپەتتە سودا قىلغىلى، نۇقتا پەرقىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەم جانلىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنىدا شىركەت يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ATFX قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك سودا قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

بۇ ATFX خېرىدارلارغا بىلىم يەتكۈزگەن ۋە سودا ئىدىيىسىنى ئورتاقلاشقان تۇنجى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى، بۇ يىغىن ATFX قوشۇنىنىڭ تىرىشچانلىقىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، يەنە شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. فىلىپپىن ۋە مالايسىيادىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە يەرمەنكىلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى