当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
2019年 3月 13日

ATFX خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن SmarTrade ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئاساسلىق قوللىغۇچى شىركەت بولدى. SmarTrade بولسا يېڭىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشقى پېرىۋوت تەربىيىلەش ئىنىستىتۇتى بولۇپ، تاشقى پېرىۋوت سودا بىلىملىرى ۋە پۇل مۇئامىلە تەربىيىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىنىستىتۇتنىڭ ئورنى فىلىپپىن ماكادىغا جايلاشقان. ئېچىلىش SmarTrade فىلىپپىن مەبلەغ سېلىش بىلىملىرى ۋە كەسپىي ئىقتىدار تەربىيىلەش ئورگىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت. فىلىپپىن مانىلاغا جايلاشقان ماكادى فىلىپپىننىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى، شۇنداقلا فىلىپپىنىڭ ئاكسىيە سودا ئورنى سودا زالى جايلاشقان ئورۇن. بۇ جۇغراپىيىلىك ئورۇن SmarTrade قا ئوخشاش تاشقى پېرىۋوت ئورگىنىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەسىس قىلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ماكادى شەھىرىنىڭ مۇئاۋېن شەھەر باشلىقى Monique Yasmin Lagdameo خانىم ۋە ATFX نىڭ ئەنگلىيەدىكى باش مۇدىرى لى شياۋچياڭ ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى تولىمۇ رەڭدار بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان لېنتا كېسىش مۇراسىمىدىن باشقا، كەچلىك زىياپەتكە يەنە 2016-يىللىق باھار بايرىمىلىق شىر ئۇسۇلى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى Pink Panther مۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، شىر ئۇسۇلى ئورۇنداپ نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى. شۇ كۈندىكى پائالىيەت ماكادىدىكى داڭلىق Philamlife Tower كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، كەچتە ئېسىل زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

SmarTrade نىڭ مۇلازىمەت باش مەقسىتى فىلىپپىندىكى پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى توغرا بولغان باشقۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئېنىق مالىيە نىشانى تۈزۈش، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ۋە ئېنىق سودا لايىھەسى تۈزۈش، توغرا تاشقى پېرىۋوت سودا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش، خەتەرنى كونترول قىلىش سېستىمىسىنى سودا ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈش، سودا قىلغۇچىلارنىڭ سودا قىلىش پۇرسىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

باش مۇدىر لى شياۋچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «فىلىپپىندا ئېنگلىزچە سۆزلىشىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ.، يېقىنقى يىلاردىن بۇيان تاشقى پېرىۋوتقا مەبلەغ سالىدىغانلارنىڭ سانى چوڭ كۆلەمدە ئاشتى، نۆۋەتتە فىلىپپىن تېز سۈرئەتتە ئاسىيادىكى ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇڭا SmarTrade نىڭ مۇشۇنداق شارائىتتا تەسىس قىلىنىشى بەكمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولدى. تېخىمۇ كۆپ فىلىپپىنلىق سودىگەرلەر پۇل مۇئامىلە قوراللىرى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەمما فىلىپپىن تېخى يېڭى بازار بولغانلىقى ئۈچۈن تاشقى پېرىۋوتقا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن تەربىيىلەش ئامىلى كەمچىل. مانا بۇ ATFX ۋە SmarTrade نىڭ ئورتاق مەقسىتى بولۇپ، يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەربىيىلەش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.»

ATFX رىقابەت كۈچىگە ئىگە سودا شەكلى، ئاشكارا ۋە ئۆلچەملەشكەن سودا مۇھىتى، كەسپىي ئۆلچەمگە ئويغۇن مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلارغا ئىگە. ATFX ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ، خېرىدارلارنى مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئۇسۇلى، ۋە ھەر كۈنى 24 سائەتلىك خېرىدار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، .ئۆلچەملىك MT4 دېتالىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلىدۇ. نىسبىتى 200:1 گە يېتىدىغان مەبلەغ ھەسسىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ، 100 نەچچە خىل پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پۇل گۇرۇپپىلىرى 40 خىلدىن ئاشىدۇ.

SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ATFX سودا قىلغۇچىلارنى تەربىيىلەش ۋەدىسىگە قوشۇپ، يەنە بارلىق تەجرىبە قاتلىمىدىكى تەربىيىلەش مەنبەسىنى كۆپەيتىش، يەرلىك بازار ئۈچۈن كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ATFX ئەنگلىيەدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock مۇنداق باھا بەردى: «تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى بىلەن تاشقى پېرىۋوت سودا تەربىيىلەش ئورگىنىنىڭ قول تۇتۇشۇپ كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈش كىشىگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىقتەك تۇيۇلىدۇ، بۇ كەسپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تىپىك ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ.»

 

Full screen 5 1

Read More

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ATFX توردىكى شەخسىي بايلىق مۇكاپاتى-ئەڭ ئىلغار NDD تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار