当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX فىلىپپىن تاشقى پېرىۋوت مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدە نۇر چاقنىدى
2019年 3月 12日

بۇ يىل ATFX بىر قاتار مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيۇشتۇردى، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئايدا مالايسىيادا، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئېيىدا تەيۋەن، تايلاند ۋە فىلىپپىندا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرمۇ بار. ATFX 4-ئاينىڭ 21-كۈنى فىلىپپىندا تاشقى پېرىۋوت مەبلەش سېلىش كۆرگەزمىسى (Traders Fair & Gala Night, the Philippines) گە قاتنىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىزلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى.

ATFX بۇ قېتىمقى تاشقى پېرىۋوت مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمىسىنىڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولۇپلا قالماي، ATFX دىن كەلگەن ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىس ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

شۇ كۈنى كۆرگەزمە نەق مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. ATFX مۇتەخەسسىسلىرى بۇ قېتىمقى تاشقى پېرىۋوت مەبلەش سېلىش كۆرگەزمىسىدە خېرىدارلارغا پۈتۈن دۇنيادىكى تاشقى پېرىۋوت بازارلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە سودا تاكتىكىلىرىنى تونۇشتۇردى، شۇنداقلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىدى. مانا بۇ ATFX نىڭ نېمە ئۈچۈن كەسپىي ساھەدە خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشىدىكى بىر سەۋەب. ATFX ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تاشقى پېرىۋوت سودا ۋاستىچى شىركىتى بولۇپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ۋاكالەتچىلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى مول تەربىيىلەش بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش جەھەتتە، ATFX نىڭ ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىسى لىن مىڭ تيەن ئەپەندى بىلەن جېڭ ۋېيچيوڭ ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا پۈتۈن دۇنيادىكى تاشقى پېرىۋوت سودا بازىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە سودا تاكتىكىلىرى توغرىسىدا قاتناشقۇچىلار بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش بازار ئانالىزچىسى لىن مىڭ تيەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە «بازار كەيپىياتى قانداق قىلىپ خەلقئارا بازاردىكى داۋالغۇشنى ھەتتە كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» تېمىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. لىن مىڭ تىيەننىڭ پۇل مۇئامىلە، ئىقتىسادشۇناسلىق، بوغالتىرلىق قاتارلىق كەسپلەردە ئۇنۋانى، پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە 17 يىللىق كەسپىي تەجرىبىسى بار. ئاۋسترالىيە ئاكسىيە ۋە مەبلەغ سېلىش كومىتېتى (ASIC) تارقاتقان مەسلىھەتچىلىك كېنىشكىسى بار، ئىلگىرى باھا پەرقى كېلىشىمى سودىسى ساھەسىدە مەسلىھەت بېرىش ۋە تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللانغان، ھەمدە دائىم CCTV ئاكسىيە ئۇچۇر قانىلى ۋە شياڭگاڭ Now TV ئىقتىساد قانىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلىرىدا ئەزىز مېھمان بولۇپ سۆزلىگەن.

نۆۋەتتە ATFX شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كەسپىي تەرەققىيات دېرىكتورى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جېڭ ۋېي چيۇڭ، ئالتە يىلدىن ئارتۇق تاشقى پېرىۋوت سودا تەجرىبىسىگە ئىگە، ئىلگىرى خەلقئارالىق تاشقى پېرىۋوت سودا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 1800 دىن ئارتۇق قاتناشقۇچىلار ئىچىدە بىرىنچى بولغان. كۆرگەزمە كۈنى ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە «سودا جەريانىدا كۆرسەتكۈچلەردىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش» توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

ATFX مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودا تاكتىكىسنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لىن مۇئەللىم ۋە جېڭ ۋېيچيۇڭ مۇئەللىممۇ بۇ ئەقىدىگە ئىشىنىدۇ.

ATFX نىڭ فىلىپپىندىكى تاشقى پېرىۋوت مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشتى، ئەمما ATFX شۇ يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ لېكسىيىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن يۈزمۇ يۈز سۆھبەتتە بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ، مەبلەغ سېلىش بازىرىدا قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمىلەرنى ئېللىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

قانۇنىي بايانات: ATFX بولسا AT Global Markets ئىشلەتكەن ماركا (ATGM، تىزىملىتىش نومۇرى IBC 2017) ، ATGM بولسا Saint Vincent ۋە Grenadines قا جايلاشقان خەلقئارا سودا شىركىتى. تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئادرېسى:
The Financial Services Centre, Stoney Ground, Kingstown, St. Vincent & the Grenadines.

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى