当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2019年 3月 12日
Full screen 5 1

ATFX كۆپچىلىكنىڭ سودا سۇپىسى ۋە مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 2018-يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى فىلىپپىن مانىلادىكى ئاستورىيە مەيدانىدا قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. بۇ يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، ئۇلار يىغىن ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بازىرى، بولۇپمۇ شىفىرلىق پۇللار ۋە تاشقى پېرىۋوت سودىسى جەھەتتە بىلىمگە ئىگە بولدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش ئانالىزچىسى لىن مىڭتيەن بولۇپ، ئۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، سودا توغرىلىق ئاساسىي بىلىملەر، سودا قوراللىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىفىرلىق پۇل بازىرى ۋە سودا تېمىسىدا سۆزلىدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ باش دېرىكتورى شۈ رۈييۈ سودا قوراللىرىدىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى (سود كۆرسەتكۈچلىرىنى قوللىنىش ۋە خەتەرنى كونترول قىلىش) تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار تاشقى پېرىۋوت بازىرىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولدى. بۇ ئۇچۇرلار يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

چۈشتىن كېيىنكى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى سودا قىلغۇچىلارغا ATFX نىڭ قىممىتىنى تونۇشتۇرۇش، كۆپچىلىككە سودا سۇپىسىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بولدى. يىغىن قاتناشچىلىرى شىركەتنىڭ خېرىدارلارنى مەركەز قىلىدىغان مۇلازىمىتى، ھەر بىر سودا قىلغۇچىغا تەقلىدى سودىدا ھېساب ئېچىشتىن تارتىپ ھەقىقىي ھېساباتتا قانداق مەبلەغ كىرگۈزۈپ قانداق سودا قىلىشقىچە بولغان جەريانلار تولۇق چۈشەندۈرۈلدى.

مانىلادىكى يىغىندا يىغىن قاتناشچىلىرىغا سودا قوراللىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سودا قوراللىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىلىكلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى. شۇنداقلا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئەڭ يېڭى سودا قورالى-شىفىرلىق پۇل تونۇشتۇرۇلدى. شىفىرلىق پۇلنىڭ 2017-يىلدىكى ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە بۇ قورال بازارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى سودا قىلغۇچىلارنى رەقەملىك پۇل ۋە سودا قىلىش پەيتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.

يىغىندىن كېيىن قاتناشقۇچىلار نۇرغۇن قايتۇرما ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. بىرەيلەن مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىغا ۋە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ باققان، مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تاشقى پېرىۋوت سودىسى قىلىۋاتقان فىلىپپىنلىقلارنى مۇناسىۋەتلىك تەربىيىلەش بىلەن تەمىنلەيدۇ.» يەنە بىرەيلەن مۇنداق دېدى: «تاشقى پېرىۋوت ۋە شىفىرلىق پۇل سودىسى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنداقلا خەتەرنى كونترول قىلىش ۋە نىشان بىكىتىش توغرىسىدىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇم.» يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ATFX ھەقسىز تەمىنلىگەن قوللاش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇلار كېيىنكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ قېتىملىق يىغىن بارلىق قاتناشقۇچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى. ئۇلارنى بازار توغرىسىدا كەسپىي خادىملاردىن بىر قىسىم سودا تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ATFX بارلىق كۈچى بىلەن 2018-يىل قەرەللىك ھالدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. 3-ئايدا تەيۋەن ۋە مالايسىيادا يەنە بىر مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ATFX توغرىسىدا

ATFX نىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى تاشقى پېرېۋوت، باھا پەرقى كېلىشىم سودىسى ۋە قىممەتلىك مېتاللار سودىسىغا قىزىقىدىغان يەككە سودا قىلغۇچىلارنى كۈچلۈك توردا سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش. نۆۋەتتە شىركەت مۇستەھكەم كۈچلۈك قوشۇننىڭ يېتەكلىشىدە خەلقئارا بازارغا كىرىپ، كەڭ دائىرىلىك سودا مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت خەلقئارادا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان سودا سۇپىسى MetaTrader 4 بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق MT4 نى ئەڭ يۇقىرى ئوبوروتچانلىققا ئىگە تەمىنلىگۈچى بىلەن باغلىدى. ATFX خېرىدارنى مەركەز قىلىش قارىشىنى ئاساس قىلىپ، سودا قىلغۇچىلارنى ھەقسىز بازار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ھەر دەرىجىلىك سودا قاتلىمىغا ماس كېلىدىغان تەربىيىلەش دەرسلىكى، خىزمەت كۈنى 24 سائەتلىك مۇلازىمەت ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بانكا دەرىجىلىك بىخەتەر مەخپىي نومۇر ئورنىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز، ھەمدە خېرىدارلارنىڭ مەبلىغىنى باشتىن ئاخىر ئايرىپ ساقلاش ۋە قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى