当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX ۋېيتنامغا كىردى، تۇنجى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈلدى
2019年 3月 12日

 

توردا سودا ئېلىپ بارىدىغان ئىلغار سودا ۋاستىچى شىركىتى ATFX داۋاملىق تۈردە تەيۋەن، تايلاند، مالايسىيا، فىلىپپىن ۋە ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. 2018-يىلدىن باشلاپ، ATFX يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ بىر يۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىلىق خېرىدارلار ۋە IB ۋاكالەتچىلەرنى ئەڭ يېڭى تاشقى پېرىۋوت بىلىملىرى ۋە بازار ھالىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى مەقسەت قىلدى. بۇ ATFX نىڭ خېرىدارلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەر تاشقى پېرىۋوت سودىسىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولالايدۇ، ھەم ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئىشلىتەلەيدۇ.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى ATFX ۋېيتنامدا تۇنجى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 200 گە يېقىن كىشى مەخسۇس يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە ۋاكالەتچىلەر ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا قاتناشتى. ATFX شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كەسپىي تەرەققىيات دېرىكتورى Jason Tee يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن قانداق قىلغاندا IB كەسپىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە ئورتاقلاشتى. بۇ مەزمۇنلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق سودا شىركەتلىرى بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ، كۆپ مەنبەلىك سودا بازىرىدىكى پۇرسەت ۋە ATFX نىڭ ستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە IB كەسپىدىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش بازار ئانالىزچىسى Martin Lam تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا 18 يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە. ئۇ سۆزلىگەن مەزمۇننىڭ تېمىسى «خەتەرنى كونترول قىلىش ئاساسىي بىلىملىرىنى سودا پىلانىڭىزدا ئۈنۈملۈك قوللىنىڭ». بۇ ناھايىتى ياخشى باش تېما بولۇپ، ئەڭ يېڭى تاشقى پېرىۋوت بازار ھالىتى ئانالىز قىلىندى، خەتەرنى كونترول قىلىش قوراللىرىدىن قانداق پايدىلىنىش، كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان زىياندىن قانداق ساقلىنىش قاتارلىق تەپسىلاتلار سۆزلەندى.

ۋېيتنام ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ سېتىش دېرىكتورى Van Cong An مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدا B2B ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە سودا شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلەرنى قانداق قوللايدىغانلىقى، ATFX نىڭ ۋاكالەتچىلەر ئۈچۈن ماس ھالدىكى پىلانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ھەم خېرىدارلارغا سۇنغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى.

ATFX خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەردىن كەلگەن ئاكتىپ قايتما ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ۋاكالەتچى مۇنداق دېدى: «لېكسىيە مەزمۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، مەن قانداق قىلغاندا بىر مۇنەۋۋەر ۋاكالەتچى بولغىلى بولىدىغانلىقى ۋە ATFX بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش پىلانىنى چۈشىنىۋالدىم، مەن چوقۇم ATFX نىڭ مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.»

ئەڭ يېقىنقى بىر قاتار مۇھاكىمە يىغىنلىرى ATFX نىڭ سودا ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ خىل تەربىيىلەش خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى يېتەرلىك بىلىم بىلەن تەمىنلەپ شۇ ئارقىلىق توغرا تاكتىكا چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداقلا مەبلەغ سېلىش تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇشىغا، سودا بازىرىدىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ATFX بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەرەللىك ھالدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرىدۇ.

قانۇنىي ئۇچۇر: ATFX بولسا AT Global Markets Limited نىڭ (ATGM، تىزىملىتىش نومۇرى: 24226 IBC 2017) سودا ساھەسىدىكى ئاتىلىشى. ATGM بولسا ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېستا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان خەلقئارالىق سودا كارخانىسى. رويخەتكە ئالدۇرغان ئادرېسى: ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس كىنگستون شەھىرى ستون مەيدانى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزى.

 

Full screen 5 1

Read More

خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار