当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX ۋيېتنام پۇل مۇئامىلە سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
2019年 3月 11日

ATFX ۋېيتنام خۇدسپورت شەھىرى، خانوي، كىم سايگون ۋە داناڭ قاتارلىق جايلاردا لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ۋېيتنامنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى سەييارە تەربىيىلەش سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى. 11-ئاينىىڭ 24-كۈنى ATFX يەنە خۇدسپورت شەھىرىگە قايتىپ، FinExpo نىڭ پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى.

ATFX ۋېيتنام قوشۇنى FinExpo ئۇيۇشتۇرغان پۇل مۇئامىلە سودا كۆرگەزمىسىدە نامايەن بولدى، بۇ ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان پۇل مۇئامىلە يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى. قاتناشقۇچىلار 800 دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 500 دىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە كەسپىي زاتلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە خېرىدارلار بولۇپ، ATFX ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئاسىيادىكى بىر قېتىملىق مۇھىم پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋېيتنامدا مەھسۇلاتلارنى ۋە مۇلازىمەت قىممىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالتۇندەك پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. ATFX بۇ پۇرسەتتە پائالىيەتكە قاتناشقان مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ۋاكالەتچىلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتتى.

ATFX نىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئەقىل – پاراسىتى ۋە سىرىنى ئېچىش» باش تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ يارقىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش بازار ئانالىزچىسى Martin Lam ئەپەندى پۇل مۇئامىلە سودىسى ۋە مۇلازىمىتىمىزگە قىزىققۇچى مېھمانلارغا ئۇلار سودىدا دۇچ كەلگەن خىرىسلارنى تەھلىل قىلىپ بەردى ھەمدە بۇ ھەقتە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

يەنە بىر باياناتچى بولسا ATFX مۇئامىلىدارلار دېرىكتورى Pham Dinh Loc ئەپەندى ، ئۇ «سودا باھاسىنى ئۈنۈملۈك بېكىتىش ۋە خەتەرنى كونترول قىلىش» تېمىسىدا ئالتە يىلدىن بۇيان توپلىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش سودا سىرى ۋە تاكتىكىسىنى سۆزلەپ بەردى، شۇنداقلا باھا ئۆزگىرىش تەتقىقاتى ئۈچۈن سودا سىستېمىسىدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا تارىخىي باھا ئۆزگىرىشلىرىنى چىقىش قىلىپ كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن باھا ئۆزگىرىشىنى قـىـيـاس قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى مېھمانلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ كاتتا مەرىكىدە ATFX كەسپىي قوشۇنى ۋاكالەتچىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى قانات يايدۇردى، ۋاكالەتچىلەر ATFX دە ئۆگەنگەن كەسپى سودا بىلىملىرى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ATFX يۇقىرى ئۆلچەم ۋە ئاشكارا سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ATFX بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىغان ۋاكالەتچىلەر ۋە خېرىدارلار ئەڭ يېڭى بازار ئانالىزى ۋە سودا قوراللىرىدىن ھەقسىز بەھىرلىنەلەيدۇ، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەزمە جەريانىدا ATFX «ۋېيتنامدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سودا مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتى ۋە «فىلىپپىندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سودا مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئىككى مۇكاپات ATFX كە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كەسپىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئۇلتېشى ھېسابلىنىدۇ.

سودا كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ATFX كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت قاتناشقۇچى شىركەتلەرنى كەسپىي زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تور سودا شىركەتلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار، شۇنداقلا كەسپىي زاتلار ئارىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا قولايلىق ياراتتى. بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر شۈبھىسىزكى ATFX نىڭ مەھسۇلات ۋە ماركىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئۈنۈملۈك يول ھېسابلىنىدۇ.

Full screen 5 1

Read More

خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار