当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX كۇئالا لومپۇردا مۇۋەپپەقىيەتلىك جۇلالاندى
2019年 3月 11日

خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تور سودا ۋاستىچى شىركىتى ATFX بۇ يىل 10-*ئاينىڭ 27-كۈنى كۇئالا لومپۇردىكى گۇاڭخۇا دوڭفاڭ مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىسى IFINEXPO گە قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە ATFX تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا شىركەتنىڭ بارلىق پۇل مۇئامىلە ۋە تاشقى پېرىۋوت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ B2B كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغان ئورگان شۇخۇي پۇل مۇئامىلىسى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت نۇرغۇنلىغان كەسپىي زاتلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، سودا ۋاستىچى شىركەتلەر ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ATFX كۆپ خىل تىلدىكى كەسپىي قوشۇنلارنى ATFX نىڭ ھەر تۈرلۈك سودا قوراللىرى ۋە كەسپىي مۇلازىمەت، شۇنداقلا ATFX نىڭ تەرەققىيات كەلگۈسىنى تونۇشتۇرۇشقا ئەۋەتتى، شۇنداقلا كەسپىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىلەر بىلەن سودا پۇرسىتى ھەققىدە ئورتاق مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

«مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش پاراسەت جەۋھىرى ۋە تاكتىكىسى» مۇھاكىمىسى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش ئانالىزچىسى Martin Lam ئەپەندى بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا يۈزلىنىدىغان خىرىس توغرىسىدا توختالدى ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. شۇنداقلا تاشقى پېرىۋوت ۋە ATFX مۇلازىمىتىگە قىزىقىدىغانلار بىلەن پاراڭلىشىپ، قىزغىن كەيپىيات پەيدا قىلدى.

ATFX تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ تەربىيىلىگۈچىسى Rayn Lim ئەپەندى «كەسپىي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سىز بىلمەيدىغان سودا مەخپىيىتى» تېمىسىدا ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ تاشقى پېرىۋوت سودىسىغا بولغان كۆز قارىشىنى سۆزلەپ بەردى.

ATFX تەمىنلىگەن مۇلازىمەت خېرىدارلارغا مەبلەغ سېلىش ئەۋزەللىكى ئېلىپ كەلدى، كۆرگەزمە ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر كەسپىي زاتلار ATFX نىڭ مۇلازىمىتى ، سودا تاكتىكىسى، سودا قورالى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ATFX مالايسىيا ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش دېرىكتورى Keith Lee ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سودا پۇرسەتلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا. IFINEXPO بىز ئۈچۈن بىلىملىرىمىزنى ئورتاق بەھرىلىنىش پۇرسىتى ۋە بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.»

يېقىنقى مەزگىلدە ATFX كەسپىي قوشۇنى بىلەن بىللە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا تېخىمۇ كۆپ كۆرگەزمە ۋە پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقچى.

Full screen 5 1

Read More

خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار