当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX رىزبون ئىتتىپاقداشلار يىغىنىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقنىدى
2019年 3月 11日

ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن Forex Day كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن ATFX خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تاشقى پېرىۋوت سودا ۋاستىچى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن پورتۇگالىيە رىزبوندا ياۋروپا سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى. 2018-يىل 10-ئاينىڭ 18-ۋە 19-كۈنلىرى رىزبون ئىتتىپاقداشلار يىغىنى چاقىرىلدى، ATFX كۆپ خىل تىللىق سەرخىل قوشۇنىنى باشلاپ يىغىندا نامايەن بولدى، ATFX نىڭ كۆرگەزمە ئورنى C80.

بۇ قېتىملىق پائالىيەت ATFX ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سودا شىركەتلىرىنى ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان ئېسىل پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ATFX پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا ATFX نىڭ ئەڭ ئىلغار سودا تېخنىكىسى ۋە كۆپ مەنبەلىك سودا مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ATFX نىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر بېرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

ATFX ئەنگلىيە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ۋە باش لېدىر Wei Qing Zhang مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ATFX نىڭ رىزبون كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇق، بۇ ATFX نىڭ ياۋروپا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»

بۇ قېتىملىق رىزبون قابىللار يىغىنىغا 3000 نەپەردىن كۆپرەك ۋەكىللەر، 100 دىن كۆپرەك ئىتتىپاقداش تۈرلەر، شۇنداقلا 1500 دىن كۆپرەك ئىتتىپاقداش ئەزالار قاتناشتى. بۇ يىغىن ھەر قايسى ۋەكىللەرنى توردا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە پۇرسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. يىغىندا ئىچكى قىسىمدا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئىزدەش قوراللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش (SEO)، ئالاقە تاراتقۇلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇش، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ATFX بۇ تۈردىكى پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە دائىم قاتنىشىپ، ئوخشىمىغان تۈردىكى تاشقى پېرىۋوت ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە تەجرىبىسى بار قاتناشقۇچىلارنىڭ، مۇتەخەسسىس ۋە خېرىدارلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىدۇ.

 

Full screen 5 1

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى