当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد مۇنازىرە يىغىنىغا قاتناشتى
2019年 3月 11日
Full screen 5 1

11-ئاينىڭ 10-ۋە 11-كۈنى ATFX تەيبېيدىكى W مېھمانسارىيىدا FinanceWord تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىقتىساد مۇنازىرە يىغىنىغا قاتناشتى، بۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق 2B2 كۆرگەزمە يىغىنى بولۇپ، 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان، ئاسىيادىكى مۇھىم داڭلىق پۇل مۇئامىلە 2B2 كۆرگەزمە يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

ATFX باشتىن ئاخىر خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار، پۇل مۇئامىلە خېرىدارلىرى ۋە ۋاكالەتچىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تەيۋەندىكى كۆپ سانلىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. تەيۋەندىكى ‏«Smart بايلىق يارىتىش» ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى زىيارىتىدە ATFX شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا باش لىدېرى Jeff Hsu ۋە تەيۋەن ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش دېرىكتورى Jade Chen تاراتقۇلارغا شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىدى. Jeff شىركەتنىڭ تەيۋەن رايونىدىكى كەسپىي تەرەققىياتىغا قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولدى. شۇنداقلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: [ATFX باشتىن ئاخىر مەبلەغ سالغۇچىلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنداقلا ئاسىيادا بىر قېتىملىق مۇنازىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى تەربىيىلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.] مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەربىيىلەش ATFX نىڭ بۇ يىللىق مۇھىم تۈرى. ATFX خەلقئاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خېرىدارلارنى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۇنۋېرسال سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ بىخەتەر سودا سۇپىسى ۋە مول تەجرىبىگە ئىگە خېرىدارلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي قوشۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇڭا بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ۋە لېكسىيە پائالىيىتىدە ATFX تەيۋەندىكى يەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپلا قالماي، ATFX نىڭ تەيۋەن رايونىدىكى ئالاھىدە تەكلىپلىك ئانالىزچىسى Justin Lee نى لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. لېكسىيەگە 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. Justin خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرگە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي يەنە ئەڭ يېڭى سودا قوراللىرىنى تونۇشتۇردى، شۇنداقلا سودا تاكتىكىسىدىن قانداق پايدىلىنىش، خەتەرنى قانداق كونترول قىلىش تېمىلىرىدا ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ATFX بۇ يىغىندا «مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى تەربىيىلىگۈچى شىركەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ مۇكاپات ATFX كە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ATFX نى كەلگۈسىدە تەيۋەندىكى كەسپىي تەرەققىياتى جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. شىركەت تەيۋەن رايونىدا كەسپ دائىرىسى ۋە تەربىيىلەش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە كېڭەيتىدۇ.

2018-يىلنىڭ قېپقالغان ئىككى ئايغا يەتمىگەن قىسمىدا ATFX يەنىلا خېرىدارلار مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: داۋاملىق تۈردە پۇل مۇئامىلە ساھەسى پائالىيىتى تەشكىللەپ قەرەللىك ھالدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەربىيىلەش مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىمىز.

قانۇنىي بايانات: ATFX بولسا AT Global Markets نىڭ قىسقارتىلمىسى، يەنى ATGM نىڭ سودا نامى بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش نومۇرى 24226 IBC 2017، ATGM سائېنت ۋېنسېنت ۋە گىلىنناردسقا جايلاشقان خەلقئارالىق سودا شىركىتى بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان ئادرېسى: the Financial Services Centre, Stoney Ground, Kingstown, St.Vincent & the Grenadines

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى