当前位置: 首页 > Company News UG > كۇئالالومپۇر مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىل يازدا ATFX قىزىپ كەتتى!
2019年 3月 12日

 

بۇ يىل تەكلىپ بىلەن بىر قاتار مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە پائالىيەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتى. تەيۋەن، تايلاند، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆرگەزمىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مالايسىيا كۇئالالومپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى پېرىۋوت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. بۇ كۆرگەزمىدە نۇرغۇن كەسپىي زاتلار، خېرىدارلار ۋە IB ۋاكالەتچىلەر، شۇنداقلا كەسپىي لېكتور ئەزىز مېھمانلار جەم بولغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بەرگىنى خېرىدارلار ۋە IB ۋاكالەتچىلەر بولدى.

مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش جەھەتتە ATFX ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىسنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى: بىرى ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش ئانالىزچىسى لىن مىڭتىيەن مۇئەللىم، يەنە بىرى، ATFX نىڭ كەسپىي لېكتورى Ahmad Izzat ئەپەندى. لىن مۇئەللىم پۇل مۇئامىلە كەسپى ساھەسىدە 18 يىلدىن ئارتۇق مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، شياڭگاڭ ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ تەكلىپ بىلەن سودا بازىرىنى ئانالىز بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ كۆرگەزمە يىغىنىدا«2018-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىكى دۇنيا بازىرىغا ماكرولۇق نەزەر» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پۇل مۇئامىلە ۋە سودا قوراللىرىغا نىسبەتەن كەسپىي ئانالىز ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە خېرىدار بىلەن سودا ئاساسىي بىلىملىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ATFX نىڭ كەسپىي لېكتورى Ahmad Izzat «تېخنىكىلىق ۋە بازارنىڭ ئاساسىي يۈز قاتلىمىدىن پايدىلىنىپ ئالتۇن بازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىش ۋە چۈشىنىش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتۇقتا ئاساسلىقى ئالتۇن باھا يۆنىلىشى، ئالتۇن ساھەسىدىكى ئاساسلىق سودا بىلىملىرى ۋە ئالتۇن باھاسى شام سىزىقى گىرافىكىدىكى كۆپ يىللىق مۇھىم تىرەك ۋە بېىسم نۇقتىلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ATFX نىڭ مۇلازىمىتى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە خېرىدارلار ھەم ۋاكالەتچىلەرنى تەربىيىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بولغانلىقتىن، شۇ كۈنى خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. يىغىندىن كېيىن ATFX كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى. زىياپەتتە كەسپىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئەڭ يېڭى بازار ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى.

ATFX خەلقئارادىكى ئىلغار تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەچلىك زىياپەتتە كۆپ سانلىق IB ۋاكالەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى. IB ۋاكالەتچىلەر ATFX دەك ئوچۇق ئاشكارا، ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغان شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ATFX ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ۋاستىچى شىركەت بولۇپ، دەل ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ھەمكارلىشىش ئوبېكتى.

گەرچە مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى پېرىۋوت كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە بىز يەنە بۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق تەشكىللەيمىز. 8-ئايدا ATFX تايلاندتا ئۆتكۈزۈلىدىغان تاشقى پېرىۋوت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. داۋاملىق تۈردە خېرىدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلغار مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسى ۋە سودا بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خېرىدارلارنى ATFX نىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تونۇشىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 

Full screen 5 1

Read More

خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار