当前位置: 首页 > Company News UG > خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
2019年 3月 13日

2017-يىللىق 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركەتلىرى يىللىق يىغىنىدا «ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ۋاستىچى شىركەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ATFX خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توردا سودا قىلىش شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىغۇچى شىركەت بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇ ھەشەمەتلىك تاشقى پېرىۋوت يەرمەنكىسى 2017-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چاڭشادا ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يەرمەنكە پەقەت ئەڭ ياخشى تاشقى پېرىۋوت سودا شىركەتلىرىنىلا تەكلىپ قىلغان، شۇنداقلا ئەڭ ئېسىل، يۇقىرى دەرىجىلىك سورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن، يەنى پائالىيەت ئورنى چاڭشادىكى بەش يۇلتۇزلۇق Kampinski Hotel دا بولۇپ، پەقەت 25 لا ۋاستىچى شىركەت قاتناشقان. ئۇلار قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، كەسپى ساھەدىمۇ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى پائالىيەت كەسپىي ساھەدىكىلەرنى ئۆزئارا ئۇچرىشىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالتۇندەك پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ATFX بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە بەلگىلەنگەن قوللىغۇچى شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پائالىيەت قاتناشچىلىرىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ كەسپىي تاشقى پېرىۋوت سودا مەسلىھەت مۇلازىمىتى ۋە مالىيە يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرگە ATFX نىڭ كەسپىي سودا تەجرىبىسى ۋە مۇلازىمەت كېلىشىم باھا مەلۇماتى جەھەتتىكى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، شىركەت ئورنى يەرمەنكە كىرىش ئېغىزىدىن كىرىپلا ئوڭ تەرەپ بىرىنچى ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ATFX نىڭ نەق مەيداندا يەرمەنكىگە قاتناشقان چاڭشالىق ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن شىركەت ماركىسىنىڭ پەلسەپىۋىلىكى ۋە قىممىتىنى نامايەن قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ATFX ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش نازارەتچىسى خۇاڭ جوڭجيې ئەپەندى شەرەپ بىلەن يەر شارى پېرىۋوت خەۋىرى بىۋاستە تارقىتىش زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى .

خۇاڭ جوڭجيې ئەپەندى تاراتقۇلارنىڭ شىركەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

 

Full screen 5 1

Read More

باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ATFX توردىكى شەخسىي بايلىق مۇكاپاتى-ئەڭ ئىلغار NDD تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار