当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX قوللىغان ئېدىنبورگ كېنەز لوڭقىسى دۇنيا گولف توپ مۇسابىقىسى 30-ئاۋغۇست تاللاش مۇسابىقىسى
2019年 3月 12日

8-ئايدا ATFX « ئېدىنبورگ كېنەز لوڭقىسى دۇنيا گولف توپ مۇسابىقىسى » نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئېدىنبورگ كىنەز لوڭقىسى گولف توپ مۇسابىقىسى ئەنگلىيەنىڭ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتى بولۇپ، شاھزادە فىلىپنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، 2001 – يىلى خەلقئارادىكى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە تېخىمۇ ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، شاھزادە فىلىپ باشقا 16 تۈرلۈك جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ ، 16 يىل ئىچىدە خەلقئارادا نۇرغۇن گولف توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، شۇنداقلا خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى زاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى .

ئېدىنبورگ كېنەز لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ھەر قايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلدى، غەلىبە قىلغۇچىلار ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان « ئېدىنبورگ كېنەز لوڭقىسى دۇنيا گولف توپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ATFX ئوتتۇرا شەرق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Ryan Tsui يېتەكچىلىكىدىكى ATFX قوشۇنى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى.

شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇ داۋاملىق ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتى بىلەن بۇككېنھام گولف توپ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە ۋە ۋېندسور ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قارا گىلاستۇكلۇق رەسمىي كەچلىك زىياپىتىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ATFX قوشۇنىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكى مۇلازىمەت جەھەتتە نامايەن بولۇپلا قالماي يەنە گولف توپ مەيدانىدىمۇ كۆزنى چاقناتتى. Ryan نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە داۋاملىق تۈردە ياخشى ئىپادىسىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ATFX ئوتتۇرا شەرق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Ryan Tsui مۇنداق دېدى: «بىز تاشقى پېرىۋوت سودىسى بىلەن گولف توپ مۇسابىقىسىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار دەپ قارايمىز. چۈنكى ئىككىلىسى رىقابەتچانلىققا تولغان، شۇنداقلا توختىماي ئۆزگىرىدىغان مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشقا ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توغرا تاكتىكا قارارى چىقىرىش گولف توپ ماھىرلىرى ۋە تاشقى پېرىۋوت سودىسى قىلغۇچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرت. بىز ئۆزگىچە ئېلان تاكتىكىلىرىمىز ئارقىلىق يېڭىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خېرىدارلىرىمىزغا ئەڭ يېڭى بىلىملەرنى تارقىتىشنى خالايمىز.

بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللىشىمىزدىكى سەۋەب، ئېدىنبورگ كېنەز لوڭقىسى بىزنىڭ ماركىمىزغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، بىز بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە. ATFX نىڭ باش شىركىتى ئەنگلىيە لوندونغا تەسىس قىلىنغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارماق شىركەتلىرىمىز ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىمىز بار. بىز ئەنگلىيەنىڭ ماركا مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىمىز، ATFX ئۆتكەن يىل لوندوندىكى سىمۋوللۇق لوندون قارا رەڭلىك تاكسىلىرىنى قوللىدى، پائالىيەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ قېتىم بىز ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلغان ھالدا ئەنگلىيە خان جەمەتى خەير ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇق، ATFX ئەنگىلىيىدىن باشلانغان، بىز باشتىن ئاخىر ئەنگلىيەدىكى يۇقىرى ئۆلچەمدىكى مۇلازىمەت ۋە ماركا ئېڭىنى چۆرىدەپ كەلدۇق. بىزنىڭ نىشانىمىز خېرىدارلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ھەر بىر خېرىدارنى ئەڭ ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

بۇ پائالىيەتنى قوللاشتىكى مەقسەت بىز ياردەمگە ھەقىقىي موھتاج كىشىلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئېدىنبورگ لوڭقىسى قوللىغان خەير ساخاۋەت پائالىيەتلىرى نۇرغۇن تالانتلىق ياشلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى. ATFX ھەمىشە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆزىگە بۇرچ قىلىدۇ. بىزنىڭ ھەر قايسى رايونلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىملىرىمىز جەمئىيەتتىكى خەير ساخاۋەت ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەتراپتىكىلەر ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بىز ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياردەمگە ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بولۇۋاتقان نۇرغۇن بالىلار ۋە ياشانغانلارغا ياردەم بېرىپ كەلدۇق. بىز بۇ قېتىم ئېدىنبورگ لوڭقىسىنى قوللاش ئارقىلىق، خەير ساخاۋەت ئىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال. بىز خېرىدارلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ پەقەت تاشقى پېرىۋوت سودا شىركىتىلا ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز. يەنە خېرىدارلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ مېھىرلىك مۇھىتىمىزنى، ATFX نىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز ئۆزىگە رىقابەت ئېلان قىلىدىغان روھىنى چۈشىنىشىنى ۋە كەڭ تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

Full screen 5 1

Read More

خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock ئاخبارات ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى
ATFX باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە 2018-يىللىق ئاسىيا iFX يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلىندى
ATFX تەيۋەندە تۇنجى نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
ATFX مانىلادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شىفىرلىق پۇل ۋە تاشقى پېرىۋوت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى
2018-يىل ATFX ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت سودا يەرمەنكىسىدە «2017-يىللىق ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت شىركىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئارخىپلار