01. سودا ھېساباتىمغا مەبلەغنى قانداق كىرگۈزىمەن؟

[مېنىڭ ATFX ھېساباتىم] غا كىرگەندىن كېيىن، پۇل كىرگۈزۈشنى بېسىپ، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل پېرىۋوت قىلىنسا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.
تېخىمۇ راۋان مۇلازىمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، خېرىدارلارنىڭ IE(Internet Explorer) تور كۆرگۈچتە كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

02. ھېساباتقا باشقىلار ۋاكالىتەن پۇل كىرگۈزۈپ بەرسە بولامدۇ؟

كەچۈرۈڭ، ATFX ئۈچىنچى تەرەپتىن كىرگۈزۈلگەن پۇلنى قوبۇل قىلمايدۇ.

03. بانكا كارتامنىڭ چىقىم چەكلىمىسى بار، چوڭ سوممىلىق مەبلەغ كىرگۈزۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن؟

ئەگەر سىز ھېساباتىڭىزغا باغلىغان بانكا كارتىڭىزنىڭ چىقىم چەكلىمىسى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا چوڭ سوممىلىق مەبلەغ كىرگۈزگىلى بولمىسا، بىر نەچچە قېتىمغا بلۈپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، پۇلنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن

كېيىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىزنىڭ مۇلازىمەت لىنىيىمىز 24 سائەت سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

04. ھەر كۈنى قايسى ۋاقىتقىچە پۇل چىقارغىلى بولىدۇ؟

سىز ھەر ۋاقىت ئەزا مەركىزىگە تىزىملىتىپ كىرىپ پۇل چىقىرىش ئىلتىماسى سۇنسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز تاپشۇرغان بىرىنچى قېتىملىق پۇل چىقىرىش ئىلتىماسى بىر تەرەپ قىلىنمىغان بولسا، قايتا پۇل چىقىرىش ئىلتىماسى سۇنغىلى بولمايدۇ.

05. پۇل كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنامدۇ؟

شىركىتىمىز ئادەتتە پۇل كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشتا رەسميەت ھەققى ئالمايدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

ئەگەر ھېساباتتىكى قالدۇق سومما 300 دوللاردىن ئاز بولسا، پۇل چىقارغاندا 35 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ.

* يۇقىرىقى خىراجەت ھەر قانداق بانكىنىڭ رەسمىيەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.شىركىتىمىز يۇقارقى تۈرلەرنى ھەر ۋاقىت ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلماي تۈزىتىش ۋە يېڭىلاش ھوقۇقىغا ئىگە.

06. پۇل چىقىرىش ئىلتىماسى سۇنغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

پۇل چىقىرىش ئىلتىماسى سۇنۇشتىن بۇرۇن پۇل كىرىدىغان بانكا كارتىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى جەزملەشتۈرۈڭ. ئەگەر مەبلىغىڭىزنى باشقا كارتىغا چىقارماقچى بولسىڭىز، ئالدىنئالا بانكا كارتا ئۇچۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئاندىن پۇل چىقىرىش ئىلتىماسى يوللاڭ.

07. ھېساباتتىن پۇلنى قانداق چىقىرىمىز؟

[مېنىڭ ATFX ھېساباتىم] غا كىرگەندىن كېيىن، «پۇل چىقىرىش» نى باسىمىز.

08. باشقىلارنىڭ بانكا كارتا نومۇرى بىلەن كىرگىلى بولامدۇ؟

ھېسابات ئاچقاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتا ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىش كېرەك. بۇ خېرىدارلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇپ، خەلقئارالىق قانۇنسىز كىرىمنى يۇيۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ، بىزنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمىز.