当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX قاھىرەدىكى مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە قوللىدى
2019年 3月 11日
Full screen 5 1

ATFX گورۇھى 2018-يىلنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا شەرق بازىرىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىلغار مۇلازىمەت سەۋىيىسى ۋە چوڭقۇر بىلىم قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇل مۇئامىلە بازىرى ساھەسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ئورنىنى تىكلىدى. ATFX بۇنىڭدىن بۇرۇن 2018-يىللىق 13-قېتىملىق ئېئوردانىيە تاشقى پېرىۋوت كۆرگەزمە يىغىنىدا JFEX تارقاتقان «ئەڭ ياخشى تاشقى پېرىۋوت خېرىدار مۇلازىمىتى شىركىتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 2018-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ATFX ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدىكى AI Maryah ئارىلىغا جايلاشقان ADGM مەيدانىدا يېڭىدىن ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلدى. بۇ ATFX نىڭ ھەر بىر قەدىمىنىڭ ئىزنالىرى بولۇپ، كەسپىي تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇساپىلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئابىدىسى ھېسابلىنىدۇ.

2018-يىل 10-ئايدا ATFX شەرەپ بىلەن قاھىرە مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمە يىغىنىنىڭ ئالماس دەرىجىلىك قابىللارنى تەربىيىلىگۈچى ۋە قوللىغۇچى كارخانىسى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى. بۇ كۆرگەزمە 10-ئاينىڭ 22-ۋە 23 كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈنلۈك كۆرگەزمە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئوخشىمىغان رايونلاردىن كەلگەن پۇل مۇئامىلە لېكتورلىرى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە زاتلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشتى.

ATFX بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا، شۇنداقلا شىركەت قوشۇنىنىڭ باشقا دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە ATFX نىڭ تەشۋىقات، ماركا تەرەققىيات ئىشلىرىغا نىسبەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ATFX بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرقتە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان بولغاچقا، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە شىركەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۈچلۈك تەسىر كۈچىگىمۇ پايدىلىق.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە مىسىر پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ سودا ساھەسى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بىرى. ATFX ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نېفىت، ئالتۇن، تاشقى پېرىۋوت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ سودا قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا.

ATFX بازار تەتقىقات مۇدىرى Ramy Abouzaid ئەپەندى ئىككى كۈنلۈك يىغىندا «خەلقئارا بازار ۋە تاشقى پېرىۋوت بازار ئەھۋالى توغرىسىدا ئانالىز» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە «رەقەملەشكەن پۇل مۇئامىلە دەۋرىدىكى مۇھىم ئىشلار» توغرىسىدا مۇنازىرە تەشكىللىدى.

ATFX كۆرگەزمىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلار قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، ھەمدە 2019-يىلدا پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ پۇل مۇئامىلە كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىپ، خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى ئەڭ يېڭى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تونۇشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

”قانۇنىي بايانات:
ATFX خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئەمەلىي گەۋدىلەر ئورتاق قوللىنىدىغان بىرلەشمە ماركا بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە FCA نىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان AT Global Markets(UK)Limited ، سېپرۇستىكى ATFX Global Markets (CY)Limited ۋە ئامېرىكىدىكى AT Capital Markets Limited، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى AT Global Markets Limited ۋە سائېنت ۋېنسېنت ۋە گىرېنناردستىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (FSA) رويخېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى