当前位置: 首页 > Company News UG > AT GLOBAL MARKETS مالايسىيادا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 3-ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇردى
2019年 3月 12日
Full screen 5 1

 

AT Global Markets Limited ، (AT Global)، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تور سودا ۋاستىچىلىك شىركىتى مالايسىيا Johor Bahru شەھىرى Austin Heights دە AT Global Markets Malaysia (AT Malaysia)
ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

AT Global كۆپ مەنبەلىك يۇقىرى پەن تېخنىك ۋە قابىل خادىملار ئارقىلىق تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات قەدىمىگە داۋاملىق ماسلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىركەت 2017-يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئاچقاندىن بۇيان، فىلىپپىن ۋە تەيۋەندە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، ھازىر مالايسىيادا ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى قۇرماقتا.

AT Malaysia مالايسىيا ۋە سېنگاپور رايونلىرىدىكى خېرىدارلار ۋە ۋاستىچى (IB) شىركەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل مۇئامىلە سودا تەربىيىلەش لىكسىيىلىرى ۋە مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇۋەپپەقىيەت يولىغا يېتەكلەيدۇ. AT Global مالايسىيا Johor Bahru شەھىرى Austin Heights دىكى AT Global Markets Malaysia (AT Malaysia) ئىش بېجىرىش ئورنىنى ستراتىگىيىلىك ئۇسۇلدا تاللىغان. بۇ نوپۇس زىچ، قاتناش ۋە سودا مەركەزلەشكەن رايون بولۇپ، شىركەتنىڭ خېرىدارلار توپىغا يېقىن تۇرۇشىغا قولايلىق.

«مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىقتىسادىي ئاساسىي مۇقىم، ئىستىقبالى پارلاق. بۇ ۋاستىچى شىركەتلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ». AT Malaysia نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «AT Malaysia نىڭ نىشانى مالايسىيا بازىرىغا كىرگەن IBs لارنىڭ كەسپتىكى ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش.»

ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەجرىبىلەرنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، مالايسىيادا تېز سۈرئەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالىشىمىزغا ئىشىنىمىز، شىركەت 2018-يىل خىزمەتچىلەرنى سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. بۇ ئىشەنچ بىخەتەر، ئىلغار، كۈچلۈك، ئاددىي بولغان سودا سۇپىسىنىڭ يەرلىك مۇلازىمەت ئەندىزىسى، ئوخشىمىغان خېرىدارلار ۋە IB لارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتىن كەلگەن.

AT Global مالايسىيادا قەرەللىك ھالدا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ۋە ۋاستىچى شىركەتنىڭ سودا تەربىيىلىشىنى بىرلەشتۈرىدۇ. AT Malaysia مۇكەممەل سودا سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە مول تەجرىبىگە ئىگە كۈچلۈك قوشۇن بىلەن خېرىدارلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

مالايسىيا ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇلغان شۇ كۈنى، AT Malaysia مۇھاكىمە يىغىنى ۋە كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزدى. 150 دىن ئارتۇق خېرىدار، سودا شىركەتلىرى ۋە IB لار قاتناشتى. يىغىندا Smartcopytrade نىڭ باش لىدىرى ياڭ كەيچېن، AT Global ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى باش ئانالىزچىسى لىن مىڭتيەن، Spectrex Commodities نىڭ باش لىدىرى Ben Robson قاتارلىقلار ئەزىز مېھمان سالاھىيىتىدە تەكلىپ قىلىندى. AT Global Markets Malaysia نىڭ مەمۇرى لىدېرى لى چىشېڭ، AT Global شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنىڭ باش نازارەتچىسى شۈ رۈييۈ ئەپەندى قاتارلىقلار يىغىندا سۆز قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا شىفىرلىق پۇل بازىرى ۋە سودا بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. ئەڭ يېڭى بازار يۆنىلىشى ۋە ئانالىز ئۇسۇلى ھەققىدە سۆھبەتلەر بولۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا AT Global خېرىدارلار تېرمىنالى سودا سۇپىسى ۋە يېڭى سودا قوراللىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. AT Global يەنە سودا تور بېتىنى تونۇشتۇرۇپ، يانفون ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ھەر جايدا خالىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان سودا قوراللىرى ئارقىلىق سودا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

AT Global Markets ھەققىدە

AT Global Markets نىڭ بۇرچى خېرىدارلارنى ئەڭ ئىلغار باھا پەرقى كېلىشىم سودىسى ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ توردىكى سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش. شىركەت سەرخىل قوشۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرۇپ، خېرىدارلارنى كۆپ مەنبەلىك سودا قوراللىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئەڭ ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە خەلقئارادا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان MetaTrader 4 نى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا MT4 نى ئەڭ يېڭى تور تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈردى. AT Global خېرىدارلارنى بازار تەتقىقات دوكلاتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ، ھەپتىدە بەش كۈن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ. خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خېرىدارلارنى بانكا دەرىجىلىك مەبلەغ بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى