تاشقى پېرىۋوت ئاساسىي بىلىملىرى

ئاساسىي ئۇقۇم

بىر يېڭى بازاردا سودا قىلىشنى ئۆگىنىش خۇددى بىر خىل تىلنى ئۆگىنىشكە ئوخشايدۇ. سۆزلۈك مىقدارىڭىز ياخشى بولسا، بىر قىسىم ئاساسىي كۆر قاراش ۋە ئۇقۇملارنى چۈشەنسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمى تاماملانغان بولىدۇ. شۇڭا سودا سۇپىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن، ئىشنى تاشقى پېرىۋوت ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلاڭ.

تاشقى پېرىۋوت دېگەن نېمە؟

Forex/ FX بولسا [تاشقى پېرىۋوت] نىڭ دائىملىق ئاتىلىشى، ئۇ ئادەتتە مەبلەغ سالغۇچى ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ياراتقۇچىلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا تاشقى پېرىۋوت سېتىۋېلىش ۋە سېتىش ھەرىكىتىنى سۈپەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

[تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ يۇقىرى باھادا سېتىش] تىن ئىبارەت كىشىلەرگە تونۇش بولغان ئاتالغۇ تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا ھەقىقەتەن ماس كېلىدۇ . تاشقى پېرېۋوت سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان پۇلنى سېتىۋېلىشى ۋە سېتىش باھاسى يۇقىرى بولغان پۇلنى سېتىۋىتىشى خۇددى پاي چېكى سودىسى قىلغۇچىنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان پاينى سېتىۋېلىشى ۋە سېتىش باھاسى يۇقىرى بولغان پاينى سېتىۋىتىشىغا ئوخشايدۇ.

باھا مەلۇماتىنى قانداق كۆرىمىز؟

بىر خىل پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا سېلىشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ، تاشقى پېرىۋوت پۇل گۇرۇپپىسى شەكلىدە باھا مەلۇم قىلىدۇ. بۇ دەسلەپتە قارىساق ناھايىتى مۇرەككەپ بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددى ۋە بىۋاستە بولىدۇ. مەسىلەن: ياۋرو ئامېرىكا دوللىرى 1.19418 بولسا بىر ياۋرو(EUR) نىڭ قىممىتى 1.19418 ئامېرىكا دوللىرى (USD) غا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

قول دېگەن نېمە؟

قول سودا مىقدارىنىڭ بىرلىكى. ATFX تاشقى پېرىۋوت سودا ھېساباتىدا ئۆلچەملىك بىر قول 100000 بىرلىك ئاساسىي پۇلغا تەڭ. بىراق تاشقى پېرىۋوت پۇل گۇرۇپپىسى سودىسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى 0.01 قول، يەنى 1000 بىرلىك ئاساسىي پۇل.

نۇقتا دېگەن نېمە؟

نۇقتا سىزنىڭ پايدا ۋە زىيىنىڭىزنى ھېسابلايدىغان بىرلىك. كۆپ قىسىم پۇل گۇرۇپپىسىدا (ياپونىيە يىنى پۇل گۇرۇپپىسىىدن باشقا) باھا مەلۇماتى ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى تۆتىنچى خانىگىچە بولىدۇ. ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى تۆتىنچى خانە سودا قىلغۇچىلار نۇقتا ھېسابلىغاندا دىققەت قىلىدىغان سان. باھا مەلۇماتىدا بۇ خانىدىكى سان بىر بىرلىك ئۆزگەرسە، بۇ بىر نۇقتا ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ياۋرو ئامېرىكا دوللىرىنى 1.4022 دىن 1.4027 گە ئۆستى دەپ پەرەز قىلساق، ياۋرو ئامېرىكا دوللىرى 5 نۇقتا ئۆسكەن بولىدۇ.

مەبلەغ ھەسسىلىكى\كاپالەت سوممىسى دېگەن نېمە؟

ئالدىنقى بۆلەكتە سۆزلەپ ئۆتكەندەك، بارلىق سودا ئۆتنە پۇلغا قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەبلەغ ھەسسىلىكىدىن پايدىلىنىلىدۇ. 1:100 مەبلەغ ھەسسىلىكى بويىچە، سىز پەقەت 10 دوللار بىلەنلا 1000 دوللارلىق سودا قىلالايسىز. بۇ سىزنىڭ ئازغىنە مەبلەغ بىلەن بازاردىكى زور تەۋرىنىشتە كىچىك بولسىمۇ پايدىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەبلەغ ھەسسىلىكى سىزنىڭ زىيىنىڭىنزى چوڭايتىۋىتىدۇ. ھەرقانداق سەۋىيىدىكى مەبلەغ ھەسسىلىكىدىن پايدىلىنىپ تاشقى پېرىۋوت سودىسى ئېلىپ بېرىش برلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ماس كېلىشى ناتايىن. سىز مەلۇم بىر زاكازنى ئىجرا قىلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇئەييەن مەبلەغ سوممىدىكى ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان پۇل چىقىرىسىز. بۇ ئىشلىتىپ بولۇنغان ئالدىن تاپشۇرۇلغان پۇل دېيىلىدۇ. ئىشلىتىپ بولۇنغان ئالدىن تاپشۇرۇلغان پۇل قولدىكى مالنىڭ ئەمەلىي رەنە پۇلى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھەق ئېلىش ياكى سودا تەننەرخى ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ ھېساباتىڭىزدىكى ساپ قىممەتنىڭ بىر قىسمىنى كاپالەت سوممىسى قىلىپ تەقسىملەپ ساقلاش.

نېمە ئۈچۈن تاشقى پېرىۋوت سودىسى قىلىمىز؟

سودا تەننەرخ تۆۋەن

تاشقى پېرىۋوت سودىسىنىڭ تەننەرخى پەقەت پۇل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلىش ۋە سېتىش باھا پەرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ATFX نىڭ كىرىمى سودا جەريانىدىكى نۇقتا پەرقى قىسمىدىن كېلىدۇ. باشقا ھەق ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن EURUSD نىڭ ئېلىش ۋە سېتىش باھاسى 1.19225\1.19243 بولسا، باھا پەرقى 1.8 نۇقتا بولىدۇ.

قوش يۆنىلىشتە سودا قىلىشقا بولىدۇ

تاشقى پېرىۋوت سودىسىنىڭ سودا يۆنىلىشى بىر قەدەر جانلىق، سودا قىلغۇچىلار ئاۋات بازار ۋە كاسات بازاردا ئوخشاشلا سودا پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. EURUSD نى مىسال ئالساق، ياۋرونىڭ دوللارغا نىسبەتەن قىممىتى ئۆسكەندە، ياۋرونى تۆۋەن نۇقتىدىن ئېلىپ يۇقىرى نۇقتىدا ساتقىلى بولىدۇ، ياۋرونىڭ دوللارغا نىسبەتەن قىممىتى چۈشكەندە، دوللارنى تۆۋەن نۇقتىدىن ئېلىپ يۇقىرى نۇقتىدا ساتقىلى بولىدۇ.

24 سائەت سودا قىلىشقا بولىدۇ

خەلقئارا تاشقى پېرىۋوت بازىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن 5 دىن جۈمە چۈشتىن كېيىن 5 كىچە 24 سائەت ئېچىلىدۇ. سودا قىلغۇچىلار تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن سودا ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

كاپالەت سوممىسى مەبلەغ ھەسسىلىكىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ

تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا سودا قىلغۇچىلارنىڭ پاي ۋە باشقا بازارلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مەبلەغ ھەسسىلىكىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنى چوقۇم چۈشىنىشىمىز زۆرۈركى، مەبلەغ ھەسسىلىك قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. پايدا نىسبىتىنى ئاشۇرالايدۇ، ھەم زىياننىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ.

خەتەرسىز مەشىق، سودا تاكتىكىسىنى سىناش

ATFX تەقلىدىي سودا ھېساباتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. تەقلىدىي سودا ھېساباتىدا مەبلەغ مەۋھۇم بولۇشتىن باشقا، پۇل گۇرۇپپىسى باھا مەلۇماتى، گىرافىك پېرىۋوت باھاسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەققىي بازار ئەھۋالى. تەقلىدىي سودا ھېساباتى ئارقىلىق ھېچقانداق مەبلەغ كىرگۈزمەي، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماي تۇرۇپ، ھەقىقىي بازار مۇھىتىدا سودا قىلىشنى مەشىق قىلالايسىز، سودا تاكتىكىسىنى سىناق قىلالايسىز.
گرافىكنى قانداق كۆرىمىز؟