当前位置: 首页 > Company News UG > ATFX خەلقئارالىق ئېدىنبورگ كىنەز لوڭقىسى گولف توپ مۇسابىقىسىنى قوللاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى كەچلىك زىياپىتى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى
2019年 3月 12日

ATFX ئاسىيا بازىرىدا تاشقى پېرىۋوت سودىسى كەسپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان مەيلى ماركا ئىناۋىتى جەھەتتە بولسۇن، ياكى كەسپىي جەھەتتە بولسۇن، زور نەتىجىلەرنى قازاندى. شۇڭا ATFX نۆۋەتتىكى پەيتنى تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلار ۋە تاراتقۇلارغا كەلگۈسىدىكى كەسپىي پىلانىنى تونۇشتۇرۇش ۋە خەلقئارالىق بازار ئېچىشنىڭ ياخشى پەيتى دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ATFX شياڭگاڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان، ھەم پائالىيەتتە «خەلقئارالىق ئېدىنبورگ كىنەز لوڭقىسى گولف توپ مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغانىدى. ئېدىنبورگ كىنەز لوڭقىسى گولف توپ مۇسابىقىسى ئەنگلىيەنىڭ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتى بولۇپ، شاھزادە فىلىپنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، 2001 – يىلى خەلقئارادىكى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە تېخىمۇ ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، شاھزادە فىلىپ باشقا 16 تۈرلۈك جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ ، 16 يىل ئىچىدە خەلقئارادا نۇرغۇن گولف توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، شۇنداقلا خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى زاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى . ATFX ئەنگلىيە باش لىدېرى Joe Li ئېدىنبۇرگ كېنەز لوڭقىسى خەلقئارا گولف توپ مۇسابىقىسىنى باشقۇرۇش مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى ۋە Zespa Media Ltd (UK) نىڭ رەئىسى Jean Dong داغدۇغىلىق ھالدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى . ATFX دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاشقى پېرېۋوت سودا ۋاستىچى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەق مەيداندا ياۋروپا، جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى تاشقى پېرېۋوت كەسپى تەرەققىيات ئەھۋالى، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىرلىكتە قاتنىشىپ، ATFX نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھچى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

2018-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، كەچلىك زىياپەت شياڭگاڭ جىيالى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ياۋروپا، جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ۋەكىللەر مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ATFX نىڭ ئەڭ يېڭى كەسىپ ۋە تەرەققىيات تاكتىكىسىغا نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. مۇراسىمدا ATFX نىڭ كەلگۈسىدىكى خەلقئاراۋى پىلانى مېھمانلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى ۋە نامايەن قىلىندى. ئۇندىن باشقا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ATFX بېسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلدى، شۇنداقلا كېيىن خەلقئارا بازاردا يېڭى پۇرسەتلەرنى قانداق ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ATFX نىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى كۈچلۈك، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ شىركەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ئىكەنلىكى نامايەن قىلىندى. ATFX نىڭ پۈتۈن خەلقئارادىكى 200 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بۇ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە تاشقى پېرىۋوت سودا ۋاستىچى شىركىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. نۆۋەتتە ATFX ئورگان تورى ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ تىلىنى قوللايدىغان بولدى.، بۇنىڭدىكى مەقسەت خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەرنى ئەڭ ئېسىل مەھسۇلات ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. مۇقىم تور سودا سۇپىسىدا كۆپ خىل تىلدا خېرىدار مۇلازىمىتى قىلىش ۋە مول تەجرىبىلىك كەسپىي خادىملار نۆۋەتتە شىركەتنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى ھېسابلىنىدۇ. شىركىتىمىز خېرىدارلارنى بىخەتەر، قولايلىق، ئاشكارا سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ياۋروپا، جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق ئوخشىمىغان رايونلاردىكى خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئۆزى ئەڭ پىششىق بولغان تىل مۇھىتىدا سودا قىلىپ، ئەڭ ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۆتكەن 12 ئايدا ATFX خەلقئارادا 200 مەيدانغا يېقىن مۇھاكىمە يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزدى. 100000 مىڭدىن ئارتۇق خېرىدار ۋە 15000 دىن ئارتۇق ھەمكارلاشقۇچىلار بۇ يىغىنلاردىن نەپكە ئېرىشتى. ATFX باشتىن ئاخىر مۇلازىمەت ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيادا بىر يۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەربىيىلىدى. بۇ ھەقسىز مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىلىق خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار تاشقى پېرىۋوت سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئاساسىي بىلىملەرنى ۋە تاكتىكىلارنى ئۆگىنىۋالدى.

بىزنىڭ مۇلازىمەت ساھەرىمىزدە ATFX كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بىلەن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. يىللىق ئىپادىسىنى ئەسلىسەك، 2018-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھەر تۈرلۈك بولۇپ جەمئىي 10 خىل مۇكاپاتقا نائىل بولدى.

مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن ATFX ۋاكالەتچىلەرنى تەربىيىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى بىلىم سەۋىيىسىنى قەرەللىك يېڭىلاپ ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشماقتا. ATFX ۋاكالەتچىلەرنى تەربىيىلەشنىڭ خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارغا نىسبەتەن يېتەرلىك بىلىم بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ھەم بىر قىسىم تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنى كۆپ تەرەپلىمىلىك قوللاش بىلەن تەمىنلىدى، بازاردا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنى بايقىسىغا ياردەم بەردى.

شۇ كۈنى ATFX ئەنگلىيە باش لىدېرى Joe Li تاراتقۇلارغا شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداقلا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Richard Craddock، ATFX ئوتتۇرا شەرق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Ryan Tsui ۋە ATFX شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا باش لىدېرى Jeff Hsu ئايرىم ئايرىم ھالدا ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كەسپىي تەرەققىيات پىلانىنى تونۇشتۇردى.

نۆۋەتتە تاشقى پېرىۋوت كەسپى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان دەۋرگە كەلدى، ATFX خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك كەسپىي تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە خېرىدارلارنىڭ تاشقى پېرىۋوت بازىرىىدكى ئۆزگىرىش مۇھىتىغا تېخىمۇ ئاسان ماسلىشىشى ئۈچۈن ATFX داۋاملىق تۈردە رايون ھالقىغان خەلقئارالىق سودا سۇپىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كەسپلەشكەن خەلقئارالىق قوشۇننىڭ يېتەكلىشىدە خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچى ۋاكالەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. سېستىمىلىق ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ.

 

Full screen 5 1

Read More

ATFX شىركىتى Yocajr.com ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قابىللار يىغىنىنى قوللىدى
توردىكى تاشقى پېرىۋوت سودا سۇپىسى ATFX نىڭ Finance Magnates نى قوللاپ ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق لوندون قابىللار يىغىنى
ATFX نىڭ تاكسىلاردىكى ئېلانى ئەنگلىيە لوندون كوچىلىرىدا نامايەن بولدى
ATFX فىلىپپىندا SmarTrade نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قوللىدى
تاشقى پېرىۋوت ۋاستىچى شىركىتى ATFX تەيبېي خەلقئارالىق ئىقتىساد قابىللار مۇنبىرىنى قوللىدى
خەلقئارالىق سودا شىركىتى ATFX چاڭشا FX110 ۋاستىچى شىركەتلەر سودا يەرمەنكىسىنى قوللىدى